خىتايدا زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسىگە ئالاقىدار 7 ئادەم قولغا ئېلىندى

خىتاي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى شەنشىدە يۈز بەرگەن زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسىگە ئالاقىدار 7 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-09-20
Share

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسى ياڭچۇەن شەھىرىدىكى "جىڭ فۇلەي" سۈت پاراشوكى زاۋۇتىنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىدا يۇقىرى مىقداردا زەھەرلىك مېلامىن ماددىسى بايقالغان.

زاۋۇت بۇ خىل زەھەرلىك سۈت پاراشوكىدىن جەمئىي 26 توننا ئىشلەپ، بىر قانچە ئۆلكىلەردە بازارغا سالغان. ئەمما، ھازىرچە كىملەرنىڭ بۇ زەھەرلىك سۈتتە زەھەرلەنگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى زاۋۇت باشلىقى ۋاڭ جىگاڭ قاتارلىق 6 گۇماندارنى قولغا ئالغان.

خىتايدا ئويۇنچۇق، سۈت پاراشوكى ۋە چىش پاستىسى دېگەنگە ئوخشاش مەھسۇلاتلاردىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

خىتايدا 2008 - يىلى 300 مىڭ ئادەم زەھەرلىك سۈت پاراشوكىدا زەھەرلەنگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت