خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈندىن باشلاپ چەتئەللەرگە تۇخۇم ئېكىسپورت قىلىشنى توختاتتى

خىتايدىن ياپونىيە ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكىسپورت قىلىنغان تۇخۇملارمۇ مېلامىن بىلەن زەھەرلەنگەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈندىن باشلاپ تۇخۇم تۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئېكىسپورت قىلىشنى توختاتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.10.29

داليەن شەھىرىدىكى 'خەنۋېي' شىركىتى گەرچە مېكيانلارغا بېرىلگەن يەملەردە مېلامىن ماددىسى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما تۇخۇمنىڭ ئىچىدە يوق، دەپ ئىزاھات بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن داليەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەنىلا بۇ شىركەتنىڭ تۇخۇم مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنى چەكلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مېلامىن ئادەتتە زاۋۇتلاردا پىلاستىك ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدىغان خېمىيىۋىي بىرىكمە بولىسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى يېمەك شىركەتلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ، ھەتتا تۇخۇملارنىڭمۇ ئوزۇقلۇق تەركىۋىنى بېيىتىش ئۈچۈن مېلامىن قوشقان.

بۇنداق يېمەكلەر ئىستىمال قىلغان كىشىلەرنى بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلاندى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.