ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توكيودا 56 ياشلىق بىر ئايال، خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن كۆك پۇرچاقنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن، بىئاراملىق ھېس قىلىپ، دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇۋېلىنغان.
بۇ يىل 1 - ئايدا خىتاينىڭ زەھەرلىك جۇۋاۋىسى بايقىلىپ، بۇ ۋەقە ئازراق پەسەيگەندە، قايتىدىن زەھەرلىك كۆك پۇرچاق ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشى، خىتايدىن يىمەكلىك مەھسۇلاتى ئىمپورت قىلغان كارخانىلارغا زىيان ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، ياپونىيە ئىستىمالچىلىرىنىڭ خىتاي يىمەكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.
بۇ ئارىدا خىتايدا چىقىدىغان شىئەن كەچلىك گېزىتى 13 - ئۆكتەبىر كۈنى، شىڭپىڭدىكى بىر ئەرنىڭ تەييار چۆپ يېگەنلىكتىن، زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى، ھازىر 5824 بالىنىڭ زەھەرلىك سۈت پاراشوكى تۈپەيلى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.