رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككى ئادۋوكاتنىڭ سوتىغا بۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ بىناسىدا قاراپ چىقىلغان بولۇپ، ساقچىلار بىنانىڭ ئالدىنى قورشاپ، مۇخبىرلار ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان 500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ بىناغا يېقىنلىشىشىنى توسىغان.
بۈگۈن سائەت 9 دىن باشلاپ سائەت 1 گىچە داۋام قىلغان سوتتا بىر قارار چىقمىغان. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئىككى ئادۋوكاتنى ئەيىبلىگەن "سوت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش" جىنايىتىنى بېكىتكەن تەقدىردە ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى نەپەر ئادۋوكات فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەنزىلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەنزىلىرىنى ئىشلىگەن ئادۋوكاتلار بولۇپ، ئادۋوكات تاڭ جىتيەن يەنە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە يوللانغان "2008 نىزامنامىسى"غىمۇ قول قويغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.
ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇ ئىككى ئادۋوكاتنىڭ ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئاۋارىچىلىققا يولۇقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتايدىكى ئادۋوكاتلىق كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز قىلىنغان ئادۋوكاتلاردىن بىرى بولغان تاڭ ئەپەندى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە: " خىتاي ھازىر بارغانسېرى كەينىگە چېكىنىپ كېتىۋاتىدۇ، خىتايدىكى ئەدلىيە تارماقلىرى قانۇنغا ئەمەس، سىياسەتكە تايىنىپ ئىش كۆرىدۇ. بىز ئادۋوكاتلارنىڭ بۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش ھوقۇقىمىز بار،" دېگەن.
مەزكۇر دېلو ھازىر خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، بۇ دېلو خىتايدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ خەلقنىڭ ئاۋازى بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان - بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارالماقتا.