خىتايدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتىدە 38 ئادەم ئۆلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.11.13
2009.11.13
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى شىۋىرغانلىق قار ئاپىتىدە، ھازىرغىچە 38 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 19 نەپىرى قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەن. قار ئاپىتى بىر قەدەر ئېغىر بولغان خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە 6 ئادەم قار ئاپىتىدە ئۆلگەن، 630 مىڭ ئاھالە ئاپەتكە ئۇچرىغان. شىجياجۇاڭ، بېيجىڭ، تەييۇەن، شىئەن، قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئايرودروملار تاقالغان.
خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شىۋىرغانلىق قاردا 4 مىليون 700 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 7000 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئىقتىسادىي زىيان 5 مىليارد دوللارغا يەتكەن.