خىتايدا بىر ئېتىلداق زاۋۇتى پارتلاپ 13 ئادەم ئۆلگەن

خىتايدا بىر ئېتىلداق زاۋۇتى پارتلاپ 13 ئادەم ئۆلگەن، 148 ئادەم يارىلانغان. شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، پارتلاش خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى يىچۈن شەھىرىدە شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9:45 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن. پارتلاشتا زاۋۇتنىڭ بىر كىلومېتىر دائىرىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرى چېقىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، پارتلاش ھاسىل قىلغان دولقۇن پارتلاش مەركىزىدىن 5 كىلومېتىر دائىرىگىچە تارالغان. پارتلاش رايونىدىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلغان.

يۈزلىگەن قۇتقۇزۇش خادىمى زاۋۇتقا ئەۋەتىلگەن. ئۇلار نۆۋەتتە پارتلاشتا ھايات قالغانلارنى ئىزدىمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەندە زاۋۇتتا زادى قانچە ئادەم بارلىقى نامەلۇم ئىكەن. خەۋەردە پارتىلاشنىڭ سەۋەبلىرى كۆرسىتىلمىگەن.