شىنخۇا ئاخباراتىدا نەقىل قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسى باياناتچىسى ۋاڭ چېن: " زىيانلىق ئۇچۇرلارنىڭ خىتايدا تارقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىز بۇ خىل ئۇچۇرلارنىڭ خىتايغا كىرىشىگە قارىتىلغان چەكلەشنى كۈچەيتىمىز. چەتئەل دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ خىتايغا سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرىمىز" دېگەن.
ھالبۇكى ئۇ، بۇ نۆۋەت يولغا قويۇلىدىغان يېڭى تەدبىرلەرنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالمىغان.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەت ئېلىنىدىغان يېڭى تەدبىرلەردە توردا قىمار ئويناش، توردىكى شەھۋانىي ئۇچۇرلار، ئالدامچىلىق ۋە باشقا شەكىلدىكى جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش دەرىجىسىمۇ ئاشۇرۇلىدىكەن.
ئۆتكەن ھەپتە، خىتاي قانۇن تۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ "دۆلەت مەخپىيەتلىكى قانۇنى"غا تۈزىتىش كىرگۈزۈدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە ئۇچۇر - ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ ئابۇنىچىلارنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلىدىكەن.
خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنى بىرى بولۇپ، "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" بۈگۈن ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنى "ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ دۈشمىنى" دەپ كۆرسەتتى.