كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىنتېرنېتكە چەكلىمە قويىدىغان دۆلەتلەرنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.06.19
2009.06.19
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تام لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى پىكىرىنى ئالغان ئىدى.
يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئوباما ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن يەر شارى ئىنتېرنېت ئەركىنلىك قانۇنىنى ماقۇللاشنى تەلەپ قىلغان. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى مەسئۇل خادىمى لۇسې مورىللون يىغىندا گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆتكەنكى بىر قانچە كۈندىن بېرى، ئىراندىكى ۋەقەلەر بىزگە يېپىق جەمئىيەتلەردە مەتبۇئات ۋاستىلىرىنى كۆپ خىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسلەتتى. دۆلەت مەجلىسى يەر شارى تور ئەركىنلىك قانۇنىنى قانچە تېز ماقۇللىسا شۇنچە ياخشى."
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارى تور ئەركىنلىك قانۇنى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ۋە بەزى ئىنتېرنېت تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ، ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللانسا، ئامېرىكىنىڭ سودا مەنپەئەتى ۋە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
Yahoo شىركىتى ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىگە ئۆكتىچى شائىر شى تاۋنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.