خىتاينىڭ "يېشىل توسما" پىلانى ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، مەزكۇر پىلان ئۇچۇر ئەركىنلىكى ۋە ئەركىن سودا كېلىشىمىگە خىلاپ دەپ تەنقىدلەنگەن ئىدى. لېكىن خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى بەزى كارخانىلارنىڭ بۇ قارارنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىجىرا قىلىشقا يىتىشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن "يېشىل توسما"نىڭ كىچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بېيجىڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ، مەزكۇر پىلاننىڭ كىچىكتۈرۈلگەنلىكىنى"جۇڭگو مەدەنىي جەمئىيىتىنىڭ غەلىبىسى" دېگەن.
خىتاي "يېشىل توسما"نىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن بىئارام بولغانلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى "يېشىل توسما"نىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇچۇر تېخنىكا سانائەت كېڭىشى، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكا سانائەت جەمئىيىتى قاتارلىق ئامېرىكا كومپيۇتېر كارخانىلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئورگانلار "يېشىل توسما"نىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى قارشى ئالغان.