خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 92 نەپەرگە يەتتى

21 - نويابىر كۈنى خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خېگاڭ رايونىدىكى شىنشىن كۆمۈر كېنىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 92 ئادەم ئۆلگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇتقۇزۇش ئىشلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ھەمدە مەزكۇر كاننىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى ۋە باش ئىنژېنېرى خىزمىتىدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن.

پارتلاش ئاۋازىنى كاندىن 10 كىلومېتىر نېرىدىكى ئادەملەرمۇ ئاڭلىغان بولۇپ، بۇ خىتايدا يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر كان پارتلاش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر كاننىڭ 90 يىللىق تارىخى بار بولۇپ، بىر قەدەر زامانىۋىلاشقان ئىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي كان ۋەقەلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان مەملىكەت بولۇپ، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىلا 3200 دىن ئارتۇق كان ئىشچىسى تۈرلۈك ۋەقەلەردە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى كان ئىشلىرىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خۇسۇسىيلار ئاچقان كانلار ۋە باشقىلارنىڭ پەقەت مەھسۇلات مىقدارىنى قوغلىشىپ، بىخەتەرلىك ئىشلىرىڭ يەنىلا يېتەرسىز بولۇپ قالغانلىقى تەنقىد قىلىنماقتا.