يالۇجياڭ دەرياسىغا كەلكۈن كېلىپ خىتاي بىلەن شىمالى كورىيە چېگرىلىنىدىغان رايونلارنى سۇ بېسىۋاتىدۇ

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، يالۇجياڭ دەرياسىغا كەلكۈن كېلىپ بىر توغان بۇزۇلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپتىكى تاش يوللار، باغچىلار، مەھەللىلەرنى سۇ بېسىۋاتىدۇ. خىتاي تەرەپ ھازىر دەندوڭ رايونىدىن 90 مىڭ نوپۇسنى تارقاقلاشتۇرۇشقا كىرىشتى.

شىمالى كورىيىمۇ، خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان شىننۇجۇ شەھەرچىسىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدىن 5 مىڭ نوپۇسنى كۆچۈرۈشكە باشلىدى.

خىتاينىڭ بۈگۈن ھاۋا رايىدىن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، كېلەر 24 سائەت ئىچىدە بۇ دائىرىدە شىددەتلىك يامغۇر ياغىدۇ. شىمالى كورىيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يالۇجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن 250 سانتىمېتىر ئېشىپ كەتكەن.