سىچۈەننىڭ شىفاڭ شەھىرىدىكى نارازىلىق ھەرىكىتىدە تۇتقۇن قىلىنغان 21 كىشى قويۇپ بېرىلگەن

سىچۈەننىڭ شىفاڭ شەھىرىدە مىس كان قۇرۇلۇشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتىدە تۇتقۇن قىلىنغان نامايىشچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قويۇپ بېرىلگەن.

يېقىنقى 3 كۈندىن بۇيان شىفاڭ شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بېرىپ، پۇقرالار ھۆكۈمەتنىڭ مىس كان قۇرۇلۇشىغا قارشى چىققان. غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ دەرۋازا ۋە دېرىزىلىرىنى چېقىپ تاشلىغان. ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تاش بورانغا تۇتقان.

دائىرىلەر مىس كان قۇرۇلۇشىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، نامايىش يېتەكچىلىرىدىن 27 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. دائىرىلەر سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 11:00 لەردە 21 كىشىنىڭ تەربىيە بېرىلىپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمغا تىز پۈكۈپ مىس كان قۇرۇلۇشىنى توختىتىشى ۋە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى، پۇقرالار قاتتىق كونترول ئاستىدىكى مەزكۇر ئەلدە بىنورمال ئەھۋال بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقە پۇقرالىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشقا نارازىلىقى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك نارازىلىق ھەرىكىتى پارتلاشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.

چارشەنبە كۈنى بىرەر يۈزدەك ئادەم شىفاڭ شەھەرلىك پارتكوم ئالدىدا داۋاملىق نامايىش قىلىپ، ھازىرمۇ داۋاملىق تۇتۇش تۇرۇلۇۋاتقان 6 كىشىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك پۇقرالار ھۆكۈمەتنىڭ مىس كان قۇرۇلۇشىنى توختىتىش ۋەدىسىدە تۇرۇش -تۇرماسلىقىغا قارايدىغانلىقى، ئەگەر ھۆكۈمەت ۋەدىسىدە تۇرمىسا تېخىمۇ زور كۆلەملىك نامايىش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.