خىتاي ئۆلۈم جازاسىنى ئوكۇل سېلىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىشنى يولغا قويماقچى

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ "جۇڭگو ۋاقتى گېزىتى" دىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، بېيجىڭدىكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئوكۇل سېلىش ئارقىلىق، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى قارار قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.06.18

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىنى ئوكۇل سېلىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىشنى پۈتۇن خىتاي مەملىكىتى ئىچىدە ئومۇملاشتۇرماقچى ئىكەن.

خەلقارا كەچۇرۇم تەشكىلاتنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇپ، بۇلتۇر خىتايدا 7003 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، بۇلاردىن 1718 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ئىكەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت، خىتايدىكى سىياسى جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش نىسپىتى ئەڭ ئېغىر رايونلار بولۇپ، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈش ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان سىياسى جىنايەتچىلەرگە بېرىلگەن جازا ھۆكۈمى شەرتسىز ئىجرا قىلىنىپ كېلىنىۋاتماقتا ئىكەن.

خەلقئارا كەچۇرۇم تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت رايونىدا سىياسىي جىنايەتچىلەرگە قارىتىلغان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى ئۈزلۇكسىز تەكىتلەپ كېلىۋاتماقتا.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.