خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى خۇئاڭ سۇڭ پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى

خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى خۇئاڭ سۇڭنىڭ ئۈستىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن سوت ئاچتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، سوت 14 - يانۋار ئېچىلغان.

خىتاي خەلق تورىدا كۆرسىتىشىچە، خۇئاڭ سۇڭ 2005 - يىلىدىن 2008 - يىلىغىچە خىتاي ئالىي سوتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ 4 مىليون يۈەنگە يېقىن پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خۇئاڭ يەنە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 1997 - يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جاڭجياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ باشلىقى بولغان دەۋردە باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ، ئىدارىنىڭ پۇلىدىن 3 مىليوندىن ئارتۇق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان ۋە ئارىلىقتىن 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن نەپ ئالغان ئىكەن.

خىتاي ئەدلىيە ۋە قانۇن تارماقلىرىدىكى چىرىكلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ" ئەركىنلىك سارىيى" بۇ يىل ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئەركىنلىك جەھەتتە ئەڭ كەينىگە تىزغان ۋە خىتايدا پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.