خوڭكوڭدا دېموكراتىك كۈچلەر زور كۆلەملىك نامايىش قىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خوڭكوڭنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماسلىققا ئاگاھلاندۇردى

خوڭكوڭلۇقلار‏ 1-ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ 14 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زور كۆلەملىك نامايىش قىلىپ، بېيجىڭنى خوڭكوڭنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماسلىققا ئاگاھلاندۇردى شۇنداقلا سىياسىي ئەركىنلىكنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۆكتىچىلەر نامايىشقا 220 مىڭ ئادەم قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ساقچى تەرەپ 5‏6-مىڭ ئادەم قاتناشقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، جۈمە كۈنكى نامايىش خوڭكوڭدا بېيجىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 2005‏-يىلى 1‏-ئىيۇل كۈنى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك يىغىلىشتۇر.

نامايىشچىلار خوڭكوڭدا ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىش، خىتايدىكى بىر پارتىيىلىك تۈزۈمنى بىكار قىلىش ۋە تۈرمىدىكى ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. نامايىشچىلار يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ سىياسىي، ئىقتىسادى تۇرمۇشىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم» گە سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلغان.

خوڭكوڭ مەمۇرى رايونى ھۆكۈمىتى كېلەر يىلدىن باشلاپ خوڭكوڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «جۇڭگو ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم-تەربىيە دەرسلىكى» نىڭ مەجبۇرىي ئۆتۈلىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. لېكىن، بۇ قارار دېموكراتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، خوڭكوڭلۇق ئۆسمۈرلەرنىڭ مېڭىسىنى كومپارتىيىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقاتى بىلەن يۇيۇشنى مەقسەت قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى.