خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش پىلانى كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كېلەر ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش پىلانى كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن. ئىنگلىز تىلىدىكى "نەنخۇا ئەتىگەنلىك گېزىتى" خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ يېقىندىن بېرى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە يۈز بەرگەن جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلۈش ئېھتىمالى مەۋجۇت.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.08.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

"نەنخۇا ئەتىگەنلىك گېزىتى" نىڭ خىتاي دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەييارلىق يىغىنى توختاپ قالغان. بۇ يىغىن زىيارەتنى ئورۇنلاشتۇرۇدىغان زۆرۈر يىغىنلارنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن تەرەپلەر ھازىرغا قەدەر كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان ۋە كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ھېچقانداق يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان.

پرېزىدېنت ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن، خۇ جىنتاۋنى ئامېرىكىغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، خۇ جىنتاۋ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان ھەم بۇ يىل ئىچىدە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى. لېكىن، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكا ئەۋەتىپ، جەنۇبىي كورىيە بىلەن سېرىق دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىشى، ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ ۋېيتنامنى زىيارەت قىلىپ، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى خىتاينى بىئارام قىلغان. خىتاي ئامېرىكىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ سېرىق دېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.