بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىدە يېقىندىن بېرى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىش قارارى، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دالاي لامانى ئاقسارايدا كۈتۈۋېلىشى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ھەم پۇل - مۇئامىلىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە تۇغۇلغان ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن جىددىيچىلىك پەيدا بولغان ئىدى.
ئاقساراينىڭ ئاشكارىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما پەيشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي "ئىراننىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقى"نى تەكىتلىگەن. خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگونى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىلانىغا ئىزچىل قارشى چىقىپ كەلگەن ئىدى.
خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى ئالدىنقى كۈنى بىر ئاز يۇمشاپ، ئىمبارگو توغرىسىدىكى مۇزاكىرىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئامېرىكا بولسا خىتاي تەرەپنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.