خۇ جىنتاۋ، 'تەيۋەن دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسى' نى مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىشكە ئۈندىدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چارشەنبە كۈنى يېڭى يىل نۇتىقى ئېلان قىلىپ، تەيۋەن ئۆكتىچى گۇرۇھى - دېموكراتىيە ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسىنى تەيۋەن مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كېچىشكە، ئەگەر تەيۋەن بىر "جۇڭگو پرىنسىپى"نى قوبۇل قىلسا تەيۋەننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئەزا بولۇش ئارزۇسىنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2008.12.31

بۇ خۇ جىنتاۋنىڭ ھاكىمىيەت سورىغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم تەيۋەن دېموكراتىيە ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسىگە خىتاپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بىر جۇڭگو پرىنسىپى ئىككى قىرغاق تەرىپىدىن ئوخشاشلا قوبۇل قىلىنسا.... بىز ھەر قانداق مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز."

خۇ جىنتاۋ يەنە، ئەگەر تەيۋەن دېموكراتىيە ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسى " بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى" دىن ۋاز كېچىپ "پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتسە"، بۇنىڭغا ئىجابىي جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن مەسىلىسى ئىلگىرى ئاسىيادىكى ئەڭ خەتەرلىك قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن تەيۋەندە گومىنداڭ پارتىيىسى ھاكىمىيەت باشقۇرغاندىن كېيىن ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە يۇمشاش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى گومىنداڭ رەھبىرى ما يىڭجيۇنىڭ 5 ‏ - ئايدا تەختنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى قارشى ئېلىپ تەيۋەنگە 2 مۈشۈك ئېيىقى سوغا قىلغان. لېكىن كومپارتىيە چېن شۈيبيەن ھاكىمىيەت سورىغان يىللاردا تەيۋەن دېموكراتىيە ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى رەت قىلغان ئىدى.
 
تەيۋەن دېموكراتىيە ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسى شۇ كۈنى خۇ جىنتاۋنىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلدى. تەيۋەن دۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكراتىيە ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسىدىن بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى سەي خۇاڭلاڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا " جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دېموكراتىيە ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسىنىڭ روھىنى بويسۇندۇرماقچى، بىز تەيۋەن مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كەچسەك بولمايدۇ. تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى پارتىيىمىزنىڭ نېگىزلىك قىممىتىدۇر " دېگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.