خۇ جىيانىڭ رەپىقىسى ھۆكۈمەتنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى خۇ جىيانىڭ رەپىقىسى زېڭ جىنيەن، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوچۇق ‏ - ئاشكارا تەنقىدلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا تۈرمىدىكى ئېرى ۋە ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىنىشىچە، زېڭ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزى تەۋەككۈل قىلىۋاتقان خەتەرنى مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكىدىن بەزىدە ئىككىلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خۇ جىيا تور ئاخباراتى ۋە بلوگ بەتلىرىدىن پايدىلىنىپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئەيدىز بىمارلارنىڭ كەمسىتىلىشكە ئالاقىدار قىلمىشلارنى ئىزچىل ئاشكارىلاپ كەلگەن بولغاچقا، بۇ يىل ئاپرىلدا ئاغدۇرمىچىلىق جىنايىتى بىلەن 3 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كىيىن خۇ نىڭ رەپىقىسى زېڭ جىنيەن ئىنتېرنېت بلوگ بەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېرىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىدىكى ئادالەتسىزلىككە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ يىل ئاۋغۇستتىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە ئىككى ھەپتە نەزەر بەنت ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.