خىتاينىڭ 'دۆلەتنى قوغداش ئەترىتى' دېگەن قوراللىق تەشكىلاتى تۈنۈگۈن قەشقەرنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيىلەردىن 'قانۇنسىز توپلاندى' دېگەن نام بىلەن 43 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى. بۇنىڭ ئىچىدە 3 ئايال بار.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ خوتەندىكى ساقچىلىرىمۇ تۈنۈگۈن كەچتە 'قانۇنسىز توپلاندى' دېگەن نام بىلەن 21 ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن كېچىدە، ئاقسۇدىمۇ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلاپ ئۇيغۇرلانى تۇتقۇن قىلدى، ئەمما تۇتقان ئادەم سانىنى ئاشكارىلىمىدى.