ئامېرىكا ۋە خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرۈلگەن يەر تەۋرەش ھەققىدە پەرقلىق ئۇچۇر تارقاتتى
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.09.22
2012.09.22
ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە يەر تەۋرەشنى يىراقتىن ئۆلچەش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتۇش تەۋەسىدە 21 - ئاۋغۇست كەچقۇرۇن 4.5 بال يەر تەۋرىگەن.
ئۇچۇردا بېرىلگەن خەرىتە كوئوردېناتىغا قارىغاندا يەر تەۋرەش شۇ جاي ۋاقىت چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە ئاتۇشنىڭ ئاقچى ناھىيە بازىرىغا 9 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا كۆرۈلگەن.
ئۇچۇردا بۇ نۆۋەتلىك تەۋرەشنىڭ چوڭقۇرلۇقى 11 كىلومېتىر دەپ كۆرسىتىلگەن.
ھالبۇكى، خىتاي «خەلق تورى» دا خىتاي يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش مەركىزىدىن نەقىل ئېلىپ يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 9 كىلومېتىر، تەۋرەش دەرىجىسى 4 بال، دەپ خەۋەر قىلىندى.
ھازىرچە مەزكۇر تەۋرەشنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرگە قانچىلىك دەخلى يەتكۈزگەنلىكى ۋە سالغان زىيانلىرى ھەققىدە مەلۇمات يوق.