خەلقئارا يادرو سىناقلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى بولسا بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى ئوخشىمىغان بىر نۇقتىغا يەنى، يەرلىك خەلقلەرنىڭ يادرو سىناقلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش مەسىلىسىگە قاراتتى. ئۇلار باياناتىدا، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان يادرو سىناقلىرىنىڭ زىيىنىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە خەلقئارا جامائەتنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.
باياناتتا، 1945-يىلىدىن 2000-يىللارغىچە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا 2000 قېتىم يادرو سىناق قىلىنغانلىقى، سىناقلارنىڭ كۆپى يالغۇزلۇققا مەھكۇم قىلىنغان يەرلىك خەلقلەر ياشايدىغان رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىپ، يەرلىك خەلقلەرگە ئېغىر ۋە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان.
يۇقىرىدىكى تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى يادرو سىنىقىنى 1967-يىلى 16-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا قىلغان. ئاخىرقى قېتىملىق يادرو سىنىقىنى 1996-يىلى 29-ئىيۇل كۈنى قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا يادرو سىناقلىرىنى توختىتىش كېلىشىمىگە قول قويغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىي 45 قېتىم يادرو سىناق قىلغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بايانلىرىدا، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ يادرو سىناقلىرىنىڭ بىۋاسىتە زىيىنىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.