«يىلپىز» ئالاھىدە ئەترىتى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا باشلىدى

خىتاي دائىرىلىرى 5-ئاۋغۇست جۈمە كۈنىدىن باشلاپ «يىلپىز ئالاھىدە ئەترىتى» دەپ ئاتالغان تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ «ئالاھىدە ئەترەت»، «18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى» ۋە 30، 31-ئىيۇل قەشقەردە يۈز بەرگەن بىر قاتار ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە ۋەزىپە ئۆتەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن «18-ئىيۇل خوتەن ناۋاغ ۋەقەسى»، 30-31-ئىيۇل قەشقەر ساقچى ھەم خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ھەمدە ئۆتكەن ھەپتە ئاقسۇدا يۈز بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشۋىق ۋەرەقىلىرىنى تارقىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان بارغانچە كۈچەيمەكتە.

ئۆتكەن ئايدا خوتەن ھەم قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر: 2008-يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن «سەمەن يولى ۋەقەسى» ۋە 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشى» دىن كېيىنكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر قېتىملىق زور ۋەقەگە ئايلاندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلەرنى «تېررورلۇق ھەرىكەتلەر» دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەرب دۆلەتلىرى ۋە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇ ۋەقەلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى قوزغالغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە.