ئۇيغۇر ئىلىدىكى يىڭنە ھۇجۇملىرىدا زەھەرلىك ماددا بايقالمىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.09.14
2009.09.14
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان دەپ قارالغان 250 ئادەم ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ قان تەركىپىدە رادىئاكتىپلىق، زەھەرلىك ياكى زىيانلىق ماددىلار بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىقرارى ئۈرۈمچىدىكى بىر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى شەنبە كۈنى يىڭنە ھۇجۇمىنى باھانە قىلىپ، 3 ئۇيغۇرنى 7 يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. خىتاي ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ ئىلگىرى بۇ ۋەقەنى "مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەرىكىتى" دەپ ئەيىبلىگەن، لېكىن ئۇ بۇ پىكىرىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت ئوتتۇرىغا قويمىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى بولسا ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى تېز ئارىدا تېپىپ چىقىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى ۋاڭ ۋېنشيەننىڭ "يىڭنە ئوكۇلى ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا چوڭ زەخمەت يەتكۈزمىگەن، لېكىن بۇ ۋەقە ئىجتىمائىي ساراسىم پەيدا قىلدى" دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، يىڭنە ۋەقەسىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھۆكۈمەتتىن تۆلەم پۇل ئېلىش ئۈچۈن پەيدا قىلغانلىقىنى، نۇرغۇن خىتايلارنىڭ ئۆز ئۆزىگە يىڭنە سېلىپ، ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا 4 - سىنتەبىرگە قەدەر 531 نەپەر كىشىنىڭ يىڭنە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 171 كىشىدە يىڭنە ئىزى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.