فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ خىتايدىكى باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى خوتەندە يۇلۇن ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ 10 غا يەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ 6 سىنىڭ ئۆسمۈر بالا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارادا پولىئو ۋىرۇسى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ خوتەندە تارقالغىنى «بىر تىپلىق پولىئو ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تارقىلىشچانلىقى ۋە پارالېچ كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى باشقا پولىئو ۋىرۇسلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەن.
ئالدىنقى كۈنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ پاكىستاندىن تارقالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ئەمما ۋىرۇسىنىڭ پاكىستاندىن خوتەنگە قانداق بىر يول ئارقىلىق تارقالغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە خوتەنگە مۇتەخەسسىلەردىن تەركىب تاپقان 3 ئۆمەك ئەۋەتلىكىنى، خوتەندىكى 15 ياشتىن تۆۋەن، باشقا رايونلاردىكى 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ھەممىسىگە ۋاكسىنا ئۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى خوتەندە ھازىرغىچە بىر بالىنىڭ يۇلۇن ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.