مەلۇم بولۇشىچە، ناھىيىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان شياڭجيابا سۇ سۇ توسمىسى ئەتراپتىكى بىرقانچە يۈز ئائىلىنىڭ ئۆيلىرىنىڭ چېقىلىشىغا سەۋەب بولغان.
تۆلەم ئۈچۈن بېرىلگەن پۇل يېتەرلىك بولمىغان ھەم كۆرسىتىلگەن يېڭى جايلىق يەرمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا، ئاھالىلەر دەسلەپتە يازما تەكلىپ سۇنۇپ ھۆكۈمەتتىن تۆلەم پۇلىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى ۋە يېڭى جايلىق يەرنى يەڭگۈشلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ھۆكۈمەت ئاھالىلەرنىڭ تەلىپىگە دەرھال جاۋاب قايتۇرمىغاچقا، ناھىيە بازىرىغا توپلىنىش ۋە يول توسۇش شەكلىدە ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خەۋەرگە ئالاقىدار سۈرەتلەردىن كۆرۈلۈشىچە، يول توسۇشقا قېتىلغانلارنىڭ سانى بىرقانچە يۈز بولۇپ، بىرقانچە كۈندىن بېرى ئەتراپتىكى يوللاردا قاتناش پالەچ ھالەتكە چۈشكەن.
مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ساقچىلار ۋەقەنىڭ بەشىنچى كۈنى يەنى بۈگۈن ئەتراپتىكى يوللاردا قاتناشنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ تېخى بېسىقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.