جاڭ چۈنشەن ئەمدى بىڭتۇەننىڭ بىرىنچى سېكرېتارى دەپ بېكىتىلدى

خىتاي مەركىزى كومىتېتى 5‏ - ئاينىڭ 6 ‏- كۈنىدىلا، ۋاڭ لېچۈەننى بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ قوشۇمچە بىرىنچى سېكرىتارلىقىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشەننى تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-06-23
Share

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' بۈگۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جاڭ چۈنشەن بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ قوشۇمچە بىرىنچى سېكرېتارلىقىنى، چې جۇن بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارلىقىنى ئۆتەيدۇ، دەپ قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەركىزى ئاگېنتلىقى بۇنى، بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنلىرى يېتىپ كېلىۋاتقاندا، بىڭتۇەننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا يۈز بەرگەن بىر ئۆزگىرىش دەپ بايان قىلدى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'شەپە' ژۇرنىلى 6‏ - ئاينىڭ 17‏ - كۈنىدىكى سانىدا، خىتاينىڭ يېڭى چېگرادا ئېلىپ بېرىۋاتقان 'تەرەققى قىلدۇرۇش' دەپ ئاتالغان ھەرىكىتىنى 'پۇلنىڭ چوڭىنى ئەكىتىپ، قەرزىنىڭ كىچىكلىرىنى تۆلەش' دەپ تەسۋىرلىگەن ۋە جاڭ چۈنشەننى 'قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە' دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت