جاڭ چۈنشيەن خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق تۆھپىسىگە مەدھىيە ئوقۇدى

ئۇيغۇر رايونلۇق پارتىكومنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن، 8 - يانىۋار كۈنى ئېچىلغان خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ پارتكوم يىغىنىدا سۆز قىلىپ، مەزكۇر قىسىمنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق تۆھپىلىرىگە مەدھىيە ئوقۇغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.01.09

جاڭ چۈنشيەن سۆزىدە قىسىمدىكى ئوفىتسىر - جەڭچىلەرنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا جاپا - مۇشەققەتكە بەرداشلىق بەرگەنلىكى ۋە قۇربان بېرىشتىن قورقمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ساقچى قىسىملىرى ئۈچۈن جاپا - مۇشەققەتلىك بىر يىل بولدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، خەلقئارادا زور ئىنكاس پەيدا قىلغان قەشقەر يېڭىبازار ۋەقەسى ۋە خوتەن ناۋاغ ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقەدە ئۇيغۇر پىدائىيلار، ساقچى ۋە پۇقرالار بولۇپ 50 دىن ئارتۇق رەقىبىگە ئېغىر زەربە بەردى. پىدائىيلار يەنە ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى قاداش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلىدى. جاڭ چۈنشيەن سۆزىدە يۇقىرىقى ۋەقەلەرنى تىلغا ئالمىغان. ئەمما ساقچى قىسىملىرىنى تەسادىپىي ۋەقەلەرگە تەييار تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغان ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش شۇئارىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.