دالاي لاما گېرمانىيە ۋە شىۋىتسارىيىگە قىلماقچى بولغان زىيارىتىنى بىكار قىلدى
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.09.13
2008.09.13
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، گەرچە دالاي لاما نىڭ تەن سالامەتلىكى ئاساسەن ياخشى بولسىمۇ، لېكىن دوختۇرلار ئۇنىڭ بىر قانچە ۋاقىت دەم ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلغان. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، دالاي لاما يېقىندا ئاشقازان ئاغرىقى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ چىققان ئىدى.
دالاي لاما جۈمە كۈنى، سۈرگۈندىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنى 11 - ياكى 12 - ئايدا ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىگە يىغىلىپ، تىبەتنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. يىغىنغا سۈرگۈندىكى تىبەت رەھبەرلىرى، زىيالىلىرى ۋە تىبەت ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، يىغىندا تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى يۆنىلىشى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ يىل مارت ئېيىدا تىبەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغالغان ئىسياندىن كېيىن، خەلقئارا جامائەت بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە، دالاي لاما نىڭ ۋەكىللىرى بىلەن قايتىدىن سۆھبەت باشلىغان ئىدى. گەرچە نۇرغۇن مۇلاھىزىچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا خەلقئارا نىڭ بېسىمىنى پەسەيتىش ئۈچۈنلا دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت باشلىغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، دالاي لاما ۋەكىللىرى خىتاي بىلەن سۆھبەتنىڭ قايتىدىن باشلىغانلىقىنى بىر غەلىبە دەپ كۆرسەتكەن لېكىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرقى سۆھبەتتىن كېيىن، دالاي لاما نىڭ ۋەكىللىرى بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك بىر نەتىجە بېرىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. يېقىندا ھەتتا دالاي لاما ئۆزىمۇ خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن ئۆمىدسىزلىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
نۇرغۇنلىغان تىبەت پائالىيەتچىلىرى بولۇپمۇ تىبەت ياشلار تەشكىلاتى دالاي لاما نىڭ تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدىكى قاراشلىرىغا ۋە خىتايغا قاراتقان يۇمشاق پوزىتسىيىسىگە قارشى چىقماقتا.