رۇسىيىدە بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىگە قاتنايدىغان ھاۋا يوللىرى شىركىتى "ئايرېفلوت" نىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇرال تاغلىق رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.09.14

 رۇسىيىنىڭ نەۋسرۇ ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، بويىن737 تىپلىق مەزكۇر ئايروپىلان موسكۋادىن سىبىرىيە رايونىدىكى سانائەت شەھىرى پېرم شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان بولۇپ، ھازىرچە نېمە سەۋەبتىن بۇنداق ھادىسە كۆرۈلگەنلىكى ئېنىقلانمىغان. ئايروپىلاندا 82 يولۇچى ۋە ئالتە نەپەر ئايروپىلان خادىمى بارلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قازاغا ئۇچرىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 82 يولۇچىنىڭ ئىچىدە 21 نەپەر چەتئەل پۇقراسىنىڭ بارلىقىمۇ ئاشكارىلانغان.

رۇسىيىدە ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى ئىلگىرىمۇ دائىم يۈز بەرگەن بولۇپ، ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزى ياسىغان تۇ - 154 تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە تەرەپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەلنىڭ "بويىن - 737" تىپلىق ئايرۇپىلانلىرىنى سېتىۋېلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق قاتناشلارغا ئىشلەتكەن ئىدى.

تېخى ئالدىنقى ئايدىلا قىرغىزىستاننىڭ بىر بويىن - 737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بىشكەكتىن تېھران' غا ئۇچۇش يولىدا چۈشۈپ كېتىپ، 60 تىن ئارتۇق ئادەم قازاغا ئۇچرىغان ئىدى.

رۇسىيە تەرەپنىڭ ئېلان قىلغان ئۆلگەنلەر تىزىملىكىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ چېچېنىيىدىكى ئۇرۇشلارغا قوماندانلىق قىلغان سابىق باش قوماندانى گېننادىي تروشېۋمۇ قازاغا ئۇچرىغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.