خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارنى تېررور گۇماندارلىرى دەپ ئېتىپ ئۆلتۈردى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.07.10
2008.07.10
ساقچى تەرەپ، بۇ يىل 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە 5 تېررورلۇق گۇرۇپپىسىنى بىت - چىت قىلغانلىقىنى، تېررور گۇماندارىدىن 82 ىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۇرۇش مەشىقى ئېلىپ بېرىش ئورنىدىن 41 نى يوقاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا، بۇلاڭچىلار گۇرۇھىدىن 51 نى ۋە ئۇلارنىڭ ئەزالىرىدىن 217 نەپىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
8 - ئىيۇل كۈنى 5 نەپەر ئۇيغۇرنى تېررور گۇماندارى دەپ ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا 15 نەپەر جىنايەتچىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ساقچى تارماقلىرى يەنە، ئۇيغۇر تېررورچىلارنىڭ يولۇچىلار ئايرۇپىلانىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقى شۇنىڭدەك ئولىمپىك مەزگىلىدە تەنتەربىيىچىلەرنى گۆرۈگە ئالماقچى بولغان پىلانلىرىنى ئالدىن سېزىپ، ئۇلارنى بىت - چىت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، گۇناھسىز ئۇيغۇر ياشلىرىغا تېررور قالپىقىنى كىيدۈرۈپ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " تېررورچىلىققا زەربە بېرىش كۈرىشى " دىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا بىرگە جەم بولۇپ ئۆز - ئارا سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىنىمۇ بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن 8 - ئىيۇل كۈنى تېررور گۇماندارى دەپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى، ئەسلىدە بىر ئارىغا جەم بولۇپ دىنىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان گۇناھسىز ياشلار ئىكەن.