خىتاي گېزىتى شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ نىشانى ئولىمپىك مەشئىلىگە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.30
2008.05.30
"شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ قەستى 6 - ئايدىكى مەشئەلنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە" دېگەن ماۋزۇدىكى ماقالىدە، " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" ۋە " شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى" نىڭ ئۈرۈمچى، بېيجىڭ، شاڭخەيدە تەسىرى زور كۆلەملىك ۋەقە پەيدا قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بولسا بۇ گۇرۇھلارغا قەلەم جەھەتتە ماسلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ماقالىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 5 - ماي كۈنى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىغا باھا بېرىپ، ئۇنىڭ "خىتاي ئۇيغۇر ئېلىگە ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزۈش باھانىسىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ "دېگەن سۆزلىرىنى ۋە ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزۈش پىلانىنى بىكار قىلىش چاقىرىقىنى تەنقىد قىلدى.
ماقالىدە يەنە ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ " ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر خەلقىغە كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى ئېلىپ كەلمەكتە " دېگەن سۆزلىرىنى " قالايمىقان جۆيلىگەنلىك " دەيدۇ. قۇرۇلتاي باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ ياپونىيە زىيارىتىدە، "خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ " دېگەن سۆزلىرىنى " ئىغۋا " دەپ تەنقىد قىلدى.
ئولىمپىك مەشئىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، شىخەنزە، سانجى ۋە قەشقەر شەھەرلىرىگە يەتكۈزىلىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەشئەلنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، ئاختۇرۇش، تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇش،سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش، تەقىپلەش، پاسپورت مۇسادىرە قىلىش، ساياھەتنى چەكلەش يولغا قويىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنى تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.