لېكىن خىتاي سەھىيە مىنستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سۈت فېرمىسى ھېسابلانغان سەنلۇ ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ نىمە ئۈچۈن سۈت پاراشوكىنىڭ چەكلەنگەن خىمىيىلىك بىر خىل ماددا بىلەن بولغانغانلىقىدىن ئاممىنى ئۆز ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرمىگەنلىكى ھەققىدە بىر نېمە دېيىلمىگەن.
خىتاي سەھىيە مىنسىتىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەنلۇ ھەسسىدارلىق شىركىتى تەرىپىدىن ئاۋغۇست ئېيىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە سۈت پاراشوكىنىڭ بىر خىل خىمىيىلىك ماددا بىلەن بولغانغانلىقى بايقالغان بولۇپ، شىركەت بايانات ئېلان قىلىپ، 2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق بالىلار سۈت پاراشوكلىرىنى يىغىۋېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت سەنلۇ گۇرۇھى ھەسسىدارلىق شىركىتىگە بالىلار سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈنلەي توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
خىتاي سەھىيە مىنسىتىرلىقىنىڭ ئوقتۇرۇشىدىن كېيىن، سەنلۇ ماركىلىق بالىلار سۈت پاراشوكى ئىمپورت قىلغان بەزى دۆلەتلەر، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان سۈت پاراشوكىنى يىغىۋېلىش قارارى ئالغان بولۇپ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئون مىڭلىغان كىلو سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى مۇسادىر قىلغان.
بۇ ئارىدا خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتايدا سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى ئىشلىتىش نەتىجىسىدە كېسەل بولغان بالىلار سانى 432 گە يەتكەن.