خىتايدا سۈپەتسىز سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلەنگەن بالىلار تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى پۈتۈن خىتاي بازىرىدىكى بالىلار سۈت پاراشوكلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، 15 - سېنتەبىرگە قەدەر شىجياجۇاڭ سەنلۇ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان سەنلۇ ماركىلىق بوۋاقلار پاراشوكى سەۋەبلىك زەھەرلىنىپ كېسەللىك كۆرۈلگەن بالىلار 1253گە يەتكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 913 نەپىرىنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىنغان، ئارىسىدا يەنە 53 نەپىرىنىڭ ساقلىقى يەنىلا خەپ ئىچىدە بولۇپ جىددىي داۋالاش ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خېبېي ئۆلكىسى خەلق ھۆكۈمىتىدە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سەنلۇ گۇرۇھى مۇئاۋىن باش لېدىرى جاڭ چېنلىڭ، سەنلۇ بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنىڭ بۇلغىنىشىغا ئۇچرىغانلاردىن تازىم ئارقىلىق كەچۈرۈم سورىغان.

ھازىرغا قەدەر يەنىلا 700 توننىدىن ئارتۇق ۋاقتى ئۆتكەن بۇ خىل مەھسۇلات خىتاي بازارلىرىدا تارقىلىپ يۈرمەكتە شۇنداقلا سەنلۇ ماركىلىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان بالىلار تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بەزى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، سەنلۇ گۇرۇھى ئىنتايىن زور تۆلەمگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

تەكشۈرۈلۈشىچە، ھازىرغا قەدەر خىتايدا يەنە 69 شىركەت ھەم زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقارغان بالىلار سۈت پاراشوكلىرىدا مەسىلە كۆرۈلگەن.

بۈگۈن خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 150 تىن كۆپرەك سۈپەت تەكشۈرۈش ئورگانلىرى 24 سائەت ئىچىدە پۈتۈن خىتاي بازارلىرىدىكى بوۋاقلار سۈت پاراشوكلىرى ئۈستىدىن جىددىي ھەم قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىر ‏ - ئىككى كۈن ئىچىدە نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈنگە قەدەر زەھەرلىك سۈت پاراشوك مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك 19 كىشىنى قولغا ئالغان.