گۇاڭجۇ 75 -ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 10 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە نۆۋەتتە گۇاڭجۇ 1 -قاماقخانىسىدا ئىكەنلىكى تاسادىپىي ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ 10 ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتتى.
قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئالدىنقى كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، 10 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ مەخپىي تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى.
تۈنۈگۈن قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت غا مەكتۇپ يوللاپ بۇ 10 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە دەۋەت قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە مەكتۇپتا، بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنىشى، تۇتۇلغانلىقىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن سىر تۇتۇلۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۇاڭجۇدىكى بىر قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى قاتارلىق پاكىتلارنىڭ بۇ 10 ئوقۇغۇچىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىدە چوڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ۋە بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.
مەكتۇپتا يەنە، ئۇيغۇرلاردىن ئەنە شۇنداق مەخپىي تۇتۇلغانلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى غايىب يەنى ئىز-دېرەكسىز ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.