دۇنيا جامائىتى ئالما شىركىتىگە ئوچۇق مەكتۇپ يوللىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-12-22
Share

22-دېكابىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 154 تەشكىلات ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى تىم كۇكقا ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىدلىدى.

بىرلەشمە مەكتۇپنى تەييارلاشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار قاتارلىق ھەر ساھەدىكىلەر قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭدا «بىز ئالما شىركىتىنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلىدۇ. شۇنداقلا بۇنداق بىر سىياسەتنى ئېلان قىلىپ قويۇش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە بۇنىڭغا يارىشا ئەمەلىي ھەرىكەتنىڭ بولۇشى لازىملىقى ئەسكەرتىلىدۇ.

مەكتۇپتا ئالاھىدە يەر ئالغان «ئىشغالىيەت ئاستىدىكى تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق جايلاردىكى زۇلۇملار، بولۇپمۇ ئۈچ مىليونچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى مەلۇم بولۇۋاتقاندا ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلىشى ئادەمنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ» دېگەن قۇرلار ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالما شىركىتى ئىزچىل «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇنى» نى ماقۇللاشقا قارشى چىقىۋاتقان بولۇپ، تېخى يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۇ ئىش ئۈچۈن پاي-پېتەك بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت