تېررورلۇق تەھدىتلىرىدىن كېيىن تاقالغان ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرى قايتا ئېچىلماقچى

تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدىكى تەھدىتلەردىن كېيىن تاقالغان ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدىكى ئەلچىخانىلىرى يەكشەنبە كۈنى قايتا ئېچىلماقچى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق ئامېرىكا دائىرىلىرى تېررورلۇق تەھدىتىدىن كېيىن پاكىستان ۋە يۇقىرىقى رايونلاردىكى 20 ئەلچىخانىسىنى تاقىغان ئىدى.

بۇ نۆۋەت يەمەننىڭ پايتەختى سانا ۋە پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىن باشقا تاقالغان ئەلچىخانىلار قايتا ئېچىلىدىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جېن پساكى: بىز سانا ۋە لاھوردىكى تەھدىت ئەھۋالنى ئۈزلۈكسىز باھالاپ ۋە بۇ ئەلچىخانىلارنى قايتا ئېچىش مەسىلىسى ئۈستىدە قارا ئالىمىز.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە خادىملىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن.