ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتى بىلەن كانادانىڭ كۈبېك شەھىرىدە مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-01-30
Share

دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاقسارايغا كىرگەن بىرىنچى ھەپتىسىدىلا 7 مۇسۇلمان دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ مەيلى ۋىزا ياكى يېشىل كارت بىلەن ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىشى پۈتۈن دۇنيادا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

«نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ مەزكۇر بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ بىرقانچە سائەت ئۆتمەيلا تېكساس شتاتىدىكى ۋىكتورىيە ئىسلام مەركىزى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ئىگىلىنىشىچە، شەنبە كېچىسى سائەت 2:00 دە مەزكۇر مەركەز نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئوت قويۇلۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.

دونالد ترامپنىڭ 7 مۇسۇلمان دۆلىتىدىكى كۆچمەنلەرنى چەكلەش ھەققىدىكى ئىمزالىق بۇيرۇقى ئېلان قىلىنىشى بىلەن كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترۇدېيو ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات بېرىپ، كانادانىڭ مۇسۇلمان كۆچمەنلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەپسۇسكى، 29-يانۋار كەچقۇرۇن كانادانىڭ كۈبېك شەھىرىدىكى ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى سالاھىيىتى نامەلۇم نىقابلىق ئىككى تېررورچىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇم جەريانىدا مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتقان 6 كىشى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئوننەچچە كىشى ئېغىر يارىلانغان.

كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن ترۇدېيو دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ كانادانىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، كۈبېك شەھىرىدىكى مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىپ، مۇسۇلمان نامازخانلىرىنى ئۆلتۈرگەن تېررورچىلارنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت