جېك سۇللىۋاننىڭ خىتاي سەپىرىدىن نېمىلەرنى كۈتۈش مۇمكىن؟

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 23-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان (Jake Sullivan) كېيىنكى ھەپتە بېيجىڭغا بارىدىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولىدىكەن ھەمدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە دائىر مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ جېك سۇللىۋاننىڭ ۋاڭ يى بىلەن بەشىنچى قېتىم يۈزمۇيۈز سۆھبەتلىشىشى بولىدىغان بولسىمۇ، 2016-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتايغا بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن. ئاق سارايدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ ئۇلارغا بىلدۈرۈشىچە، جېك سۇللىۋان بۇ قېتىم ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ فېنتانىلنىڭ تارقىلىشى ۋە تەيۋەن ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇقتىلىق سۆھبەتلىشىدىكەن.

«ئاكسيوس» (Axios) تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى قېتىم جېك سۇللىۋان بىلەن ۋاڭ يى ئۇچراشقاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ كالىفورنىيەدىكى ئۇچرىشىشى ئەمەلگە ئاشقان. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىردەك 2024-يىلى 18-نويابىردا چاقىرىلىدىغان «20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» (G20)غا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭمۇ ئامېرىكا-خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى سۆھبىتىگە ئاساس سېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ئالغا سۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە قاتتىق قوللۇق مەۋقەدە بولۇش ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق بايانى بولۇپ، بۇ خىل ئورتاقلىق تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە ئەڭ روشەن ئەكس ئەتكەن. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن رۇسىيە بىلەن ئاشكارا دۈشمەنلىشىپ قېلىشى نۆۋەتتە ئۇلارنى خىتايغا نىسبەتەن تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشتىن چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن «ئامېرىكا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشقا ئاجىز كېلىدۇ» دەيدىغان پىكىر نۆۋەتتە ئوخشىمىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.