ئۇيغۇر ياش خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئاچقان


بىر ئۇيغۇر ياش خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئېچىپ مەزكۇر مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا قۇلايلىق ياراتقان بولسا، ئۇيغۇر تاماق مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كەڭ تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە سودىدا پايدا كۆرۈشكە باشلىغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، قۇربانجان تەۋەككۈل ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش نۆۋەتتە ۋۇخەن، خۇبېي، خۇنەن قاتارلىق رايونلاردىكى 12 مەكتەپكە 17 مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئاچقان.

«چاڭجياڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇربانجان تۇنجى ئاشخانىسىنى ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن باشلىغان. ئۇ ئەسلى قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدىن بولۇپ، 2001 - يىلى ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئېلېكترون كەپىسى بويىچە باكالاۋرلىقتا ئوقۇشقا كەلگەن.

ئۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان بولۇپ 100 گە يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەسىلىدىكى قىيىنچىلىقنى مەكتەپ رەھبەرلىرىگە ئىنكاس قىلىپ، تاماق مەسىلىسىنى ئازراق ھەل قىلغان بولسىمۇ، مەزكۇر مەكتەپكە تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەلگەن مۇسۇلمان ئاشپەز يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلماچە ئاشخانىسى جايىدا توختاپ قالغان.