خىتاي ھۆكۈمىتى 2-ماي كۈنى «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلغان ئىدى. 3-ماي دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ بەلگىلىمە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
چارشەنبە كۈنى، خەلقئارا ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقىرىدىكى بۇ بەلگىلىمىنى تەنقىد قىلدى. ئۇلار باياناتىدا يۇقىرىدىكى بۇ بەلگىلىمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارنىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قامال قىلىدىغان شارائىت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
«ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» خىتاينىڭ ئىنتېرنېت-ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنتېرنېت تور بېكەتلىرى، خەۋەر-ئۇچۇر مۇنبەرلىرى، مىكرو بلوگ، توردا بىۋاسىتە تارقىتىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ خەۋەر تارقاتماقچى بولغانلار چوقۇم ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتى ئىجازىتىنى ئېلىش كېرەكلىكى ھەم شۇنداقلا دۆلەتكە قاراشلىق ئاخبارات ئورگانلىرى بەلگىلىگەن ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى كېرەكلىكى بېكىتىلگەن.
ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى ئاسىيا ئىشلىرى پروگرامما دىرېكتورى سىتىۋېن باتلېر باياناتتىكى سۆزىدە «خىتاي پۇقرالىرى ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر تەلەپ قىلىۋاتقان ۋە ئۇچۇرنىڭ ئېقىشىنىڭ راۋانلىشىشى زۆرۈر بولۇۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا دۆلەتنى خاتا يۆنىلىشكە ئەپ ماڭماقتا» دېگەن.