ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىياسىتى بۇرۇن نۇقتىلىق ھالدا شىمالىي كورېيە بىلەن ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا قارىتىلغان ئىدى. لېكىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا قارشى ھاۋا مۇداپىئە سىياسىتىنى كېڭەيتىپ، ئۇنىڭغا خىتاي بىلەن رۇسىيەنى قوشۇشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشتىن خەۋەردار ئەمەلدارلار، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى سىياسىتى يەنىلا شىمالىي كورېيەنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەركەز قىلسىمۇ، بىراق خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىنى ئويلىشىشقا ئېھتىياج تۇيۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ترامپنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىياسىتىنىڭ تېخى ئاخىرقى شەكلىنى ئالمىغانلىقى، ئۇنىڭغا پات يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى پىلانى خىتاي ئۆزىنىڭ بالىستىك بومبا پروگراممىسىنى ئاكتىپ يولغا قويۇۋاتقان، رۇسىيە يېڭى تىپلىق يادرو قورالىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يېقىندا ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ئادمېرال ھاررىي ھاررىس، «خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى پات يېقىندا ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە ئامېرىكىغا خىرىس پەيدا قىلىدۇ،» دېگەن ئىدى.
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن پەيشەنبە كۈنى رۇسىيە دۆلەت دۇماسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، رۇسىيەنىڭ بىر خىل «يېڭىلمەس» يادرو قورالىغا ئېرىشكەنلىكىنى، ئۇزۇن مۇساپىلىك بۇ يادرو قورالىنىڭ «دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە يېتىپ بارالايدىغانلىقى» ئى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىش ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن «چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى» گە چۈشۈشتەك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىگە ماس كېلىدىكەن.