BBC مۇخبىرى جون سۇدۋورس خىتايدا ھاياتىي خەۋپكە ئۇچرىغان
2021.03.31
ئەنگىلىيە ب ب س(CBB) خەۋەرلەر تورىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جون جون سۇدۋورس تەھدىتكە ئۇچرىغان ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى كۆزلەپ خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى ئۇنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلىگەن خەۋەرلىرى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
FCCC تىۋىتتېردا مۇنداق دېگەن: «خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭدىن شىنجاڭ مەسىلىسى ۋە كورونا ۋىرۇسىگە دائىر مەسىلىلەرنى خەۋەر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆچ ئالغاندەك قىلىدۇ».
جون سۇدۋورت «BBC» نىڭ توققۇز يىلدىن بېرى خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان مۇخبىرى بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر تەپسىلى خەۋەر ئىشلەپ تارقىتىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى CBB'نى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇنى «ساختا خەۋەر ئىشلىدى» دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا جون سۇدۋورتقا قارىتىلغان تەھدىتلەر كۈچىيىپ كەتكەن.
CBBخەۋەرلەر تورى تىۋىتتىردىكى ئىپادىسىدە خىتايدا تۇرۇشلۇق جون سۇدۋورت 23-مارت كۈنى ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ خىتايدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ھازىر تەيۋەنگە ئورۇنلاشقانلىقىنى جاكارلىغان. CBBيەنە «جوننىڭ خەۋەرلىرى خىتاي دائىرىلىرى دۇنيانىڭ بىلىشىنى خالىمايدىغان ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلىدى.» دېگەن.
سۇدۋورت پاراكەندە قىلىش ۋە تەھدىت قىلىش يولى ئارقىلىق خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان تۇنجى چەتئەل مۇخبىرى ئەمەس. خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى جوننىڭ ۋەقەسىنى خىتاينىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارنى قورقۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى، بۇ خىتايدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇلتۇر كەم دېگەندە 18 چەتئەللىك مۇخبىرنى ئۈنۈملۈك قوغلاپ چىقارغان.