ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتا رەھبىرى: «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تېخى بىرمۇ بېلەت زاكاس قىلمىدۇق»

25-نويابىر كۈنى ئەنگىلىيە پارلامېنتنىڭ ئاۋام پالاتا رەھبىرى جاكوب رېس-موگ پارلامېنت ئەزالىرىغا قىلغان سۆزىدە: «2-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تېخى بىرمۇ بېلەت زاكاز قىلىنمىدى،» دېگەن.

ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئەنگلىيەدىكى «خىتاي مەسىلىسى بويىچە پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن ئەنگىلىيەنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بويقۇت قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى، دەپ قارالدى. يۇقىرىقى بۇ گۇرۇپپانىڭ ئەزاسى ۋە ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىم تىۋىتتېردا قىلغان سۆزىدە بۇنى «زور قەدەم» دەپ تەبرىكلىگەن.

گەرچە ھازىرغىچە ئەنگىلىيە بوررىس جونسون ھۆكۈمىتى بۇنى تېخى رەسمىي يوسۇندا دەلىللىمىگەن بولسىمۇ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«فوربېس» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بويقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئەنگىلىيە ۋە لىتۋا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئەنگىلىيە پارلامېنتنىڭ ئاۋام پالاتا رەھبىرى رېس-موگ ئەپەندى بۈگۈن ئاۋام پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈمىتىمىز ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، خوڭكوڭدا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا قول قويغان بىرلەشمە خىتابنامىگە خىلاپلىقى ھەققىدە ناھايىتى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى تىبەتتە يۈز بەرگەن ئىشلارمۇ بۇ پالاتادا دائىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىنى دائىم سەمىگە سېلىپ تۇرىمىز.»