بىڭتۇەن ئورۇنلىرى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «ئەمگەك تەربىيەسى» نى كۈچەيتمەكچى ئىكەن

«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىڭتۇەن پارتكوم يېقىندا «بىڭتۇەننىڭ يېڭى دەۋر ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئەمگەك تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدىكى تەكلىپى» نى تارقىتىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن پىكىر ئالغان. «تەكلىپ» تە كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگەنگەندىن باشقا، كۈندىلىك تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت ئەمگەكلىرىگە پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا قاتنىشىدىكەن؛ ئوقۇغۇچىلارغا قول سېلىپ ئىشلەش، تەر ئاققۇزۇش، چېنىقىش، تاۋلىنىش، توغرا ئەمگەك قارىشى ۋە قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇش تەربىيەسى بېرىلىدىكەن.
«تەكلىپتە» تە يەنە، باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىغا بېرىلىدىغان ئەمگەك تەربىيەسى ھەپتىدە ئىككى سائەتتىن كەم بولماسلىق، باشقا يىللىقتىكى بالىلارغا بېرىلىدىغان تەربىيە 3 سائەتتىن كەم بولماسلىق قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كەسپىي تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان ئەمگەك تەربىيەسى 16 سائەتتىن كەم بولماسلىق، تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغان بېرىلىدىغان ئەمگەك تەربىيەسى 32 سائەتتىن كەم بولماسلىق قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەسلىدىنلا «ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش» نى ئاساس قىلغان بىڭتۇەن ئورۇنلىرىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى تېخىمۇ كۆپ ساندىكى «مەدەنىيەتلىك ئەمگەكچى» لەرنى كېرەك قىلىدىكەن. شۇڭا ئۇلار ھەر قايسى مەكتەپلەردە «ئەمگەك تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ ئېھتىياجىنى قامداشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى قۇل ئىشچى قىلىش بىلەن قانائەتلەنمەي، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن مائارىپتىن باشلاپ قول سېلىۋاتقان بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار ئىكەن.