ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى نىككى خالېي خانىم يېقىندا ئامېرىكادىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقۇرى بولغان «گلېنبېك» رادىيو-تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەمدە خىتاينىڭ دۇنيا خەلقىگە ئەكىلىۋاتقان تەھدىتى توغرىسىدا ئالاھىدە سۆز قىلغان.
مەخسۇس سۆھبەتتە نىككىي خانىم ھەر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى يادىغا كەلسىلە كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىچكىي ۋە تاشقىي سىياسەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى شەرھىلەپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئانچە غەلۋىسى يوق كېتىۋاتقان بولۇپ، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ھەممىلا نەرسە ئاستىن-ئۈستۈن بولۇشقا باشلىغان. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ كومپارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆزگەرتىپ «مەڭگۈلۈك پادىشاھ» بولۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ خىل «پادىشاھلىقى» خەلقئارا تەشكىلاتلارغا، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغىچە سوزۇلغان. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «بۇرنىغا نوقۇپ»، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە مېڭىشقا قىستىغان. ئەمدىلىكتە بولسا ئۇلار ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى ھەمدە ھەربىي قىسىملارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئىچكىي قىسىمدا بولسا مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماپ، ئۇلارنى ئىنساننىڭ يادىغا كەلمەيدىغان ۋەھشىيلىك بىلەن قىيناشقا ئۆتكەن. بۇنىڭ بىلەن «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن شوئارغا ئېغىر خىرىس پەيدا قىلغان.
ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ: «خىتاي ئالدىنقى قېتىمقى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا بىر پارتىيە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، ئەمدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا ئۆزلىرىنىڭ دۇنياۋى كۈچ ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولماي ئىشلار مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي تەيۋەننى ئالىدۇ. تەيۋەننى ئالغاندىن كېيىن بولسا، خىتاي پۈتۈن دۇنيانى يۇتۇشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ،» دېگەن.