بىلىنكېننىڭ ئىككى كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى خىتاي تەرەپنىڭ قورساق كۆپۈكىنى ئىپادىلىشى بىلەن باشلانغان
2024.04.25
24- ئاپرىل سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە يېتىپ بارغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن، 25- ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان.
بىلىنكېننىڭ بۇ سەپىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يېڭى ۋە يۇقىرى قاتلاملىق دىپلوماتىيەلىك ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىلىنكېن پەيشەنبە كۈنى شاڭخەي شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى چېن جىننىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ شۇنداقلا شاڭخەيدىكى سودا رەھبەرلىرى، شۇنداقلا ئامېرىكالىق ئوقۇغۇچىلار ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە خىتاي بىلەن نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنى قوللاش ھەرىكىتىنى ۋە ھەر يىلى يۈز مىڭلىغان ئامېرىكالىقنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان فەنتانىل ئىشلەپچىقىرىشىنى توسۇش مەسىلىسىنى سۆزلىشىدىكەن. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىنمۇ شاڭخەيدە تۇرۇپ تارقاتقان سىنلىق باياناتىدا، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ مەقسەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، «بىز خىتاي بىلەن كۆز قارىشىمىز ئوخشىمايدىغان ساھەلەردە يۈزمۇ يۈز كۆرۈشۈش، بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كەلدۇق. يۈزمۇ يۈز دىپلوماتىيە ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن شاڭخەيگە قەدەم تاشلاشتىن بىر قانچە سائەت ئاۋۋال، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن باش شىركىتى خىتاينىڭ بايتدەنس شىركىتىگە قاراشلىق تىكتوك ئەپىنى ئانا شىركىتىدىن قول ئۈزۈشكە قىستايدىغان قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىغان ئىدى. ئانتونىي بىلىنكېن بولسا خىتايدىكى زىيارىتى باشلاشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى» تەكىتلىگەن ئىدى.
خىتاي، ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قاتتىق رەنجىگەن بولۇپ، شىنخۇا تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا دەرس بېرىشكە سالاھىيىتىنىڭ توشمايدىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي تەرەپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېننىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى شاڭخەي ئايرودۇرۇمىغا قونغاندا، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ئەمەلدارنى ئەمەس، بەلكى شاڭخەي شەھەرلىك تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ باشلىقىنى كۈتۈۋېلىشقا چىقىرىش؛ قىزىل پايانداز سېلىپ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى تۇرغۇزماسلىق قاتارلىق دىپلوماتىيە ئەخلاقىغا زىت بولغان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ قورساق كۆپۈكىنى ئىپادىلىگەن.
BBC قاتارلىق خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا بۇ زىيارەت ھەققىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە، بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقى، كەسكىن ۋە جىددىي ئۆتىدىغان سۆھبەتلەردە زىددىيەتنى ھەل قىلىدىغان كۆرۈنەرلىك نەتىجە چىقماسلىقى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.