خىتاي دائىرىلىرى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ قوماندانىنى ئالماشتۇرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022-01-19
Share

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنى تەرتىپكە سېلىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى داۋاملىق يۆتكىمەكتە.

بۇ قېتىم دائىرىلەر «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ قوماندانى پېڭ جيارۇينى يۆتكەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى شۆ بىننى تەيىنلىگەن. بۇ ئۆزگىرىش رايوننىڭ سىياسى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى چوڭ ئالماشتۇرۇش بولسىمۇ، بىراق خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى ۋاقتىدا ئالاھىدە خەۋەر قىلماسلىقى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي تارتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۆ بىن 18-يانۋار بىڭتۇەن خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا بىڭتۇەننىڭ يېڭى قوماندانى سۈپىتىدە رەھبەرلىك قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى شۇنىڭدىن مەلۇم بولغان.

خەۋەرلەردە ئ‍ۇنىڭ كونكىرېت قاچاندىن باشلاپ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى، بىڭتۇەننىڭ سابىق قوماندانى پېڭ جيارۈينىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. بىڭتۇەن ۋە ئۇنىڭ قوماندانى پېڭ جيارۇيغا ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئىمبارگو قويۇلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر خەلقئارانىڭ بىڭتۇەنگە بولغان دىققىتىنى قوزغىماسلىق ئۈچۈن، بىڭتۇەننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى بۇ زور ئۆزگىرىشنى بەك داۋراڭ قىلمىغان. بىڭتۇەن رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى بۇ ئۆزگىرىش، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا چېن چۇەنگو يۆتكەپ كېتىلىپ، ما شىڭرۈي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەن، شۇنداقلا رايوننىڭ مەمۇرىي، سىياسىي قاتلىمىدىكى بىر قاتار تەرتىپكە سېلىشلارنىڭ ئىچىدىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن شۆ بىن شەنشىلىك بولۇپ، 1987-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. نۆۋەتتە ئۇ بىڭتۇەننىڭ قوماندانى ۋەزىپىسىدىن سىرت يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرىنىمۇ ئۆتىمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت