خىتاينىڭ بىرماغا سايلام نازارەتچىلىرىنى ئەۋەتىشى ئۆز پۇقرالىرىنىڭمۇ مەسخىرىسىگە ئۇچرىدى

بىرما، مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا تەكلىپنامە يوللىغان.

تەكلىپكە ئاساسەن خىتايمۇ بىرماغا بىر سايلام نازارەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى، «گۇاڭجۇ كۈندىلىك گېزىتى»قاتارلىق بىر قىسىم ئاخبارات ئۇستىلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تارىخىدا بىرەر قېتىم ئەركىن سايلام ئۆتكۈزۈپ باقمىغان خىتاينىڭ بىرمادىكى سايلامغا نازارەتچى ئەۋەتىشى خەلقئارادا مەسخىرىگە ئۇچرىدى.

نيويوركتا چىقىدىغان IB Times يەنى «خەلقئارالىق تىجارەت ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ غەلىتە ئىش بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ غەزىپى ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان. مەزكۇر گېزىتنىڭ كۆزىتىشىچە،بۇ ھەقتە تورلارغا ئىنكاس يازغان بەزى خىتاي پۇقرالىرى «بىرمادىكى ئەركىن سايلام بىزدە نېمە ئۈچۈن يوق؟» دەپ سوئال قويسا، بەزىلىرى «بىزنىڭكىلەر نازارەت ئۈچۈن ئەمەس، ئۆگىنىش ئۈچۈن بېرىش كېرەك» دەپ تەنقىد قىلغان؛ بەزىلەر «دۇنيادىكى ئەڭ كۈلكىلىك ئىش» دەپ مەسخىرە قىلىشقان.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە يېقىندا تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاممۇ، خىتاي پۇقرالىرىنى ئويغا سالغان ۋە ھەۋىسىنى قوزغىغان. ئەمما خىتاي كومپارتىيىسى خىتاينىڭ «ئالاھىدە ئەھۋالدىكى دۆلەت» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئەركىن سايلامدىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرماقتا.