شۇ جاي ۋاقتى ۋاقتى 22-مارت، بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل ئايرودرومىدا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىزمەت بىنالىرى جايلاشقان رايوندىكى مېترو ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بەردى. 22-مارت چۈشتىن كېيىنكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پارتلاشتا 30 نەچچە كىشى ئۆلۈپ، كۆپ ئادەم يارىلانغان.
بېلگىيە ھۆكۈمەت تەرەپ بىريۇسسېلدا يۈز بەرگەن 3 قېتىملىق زەنجىرسىمان پارتلاشنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ بېكىتتى، بېلگىيەدە دۆلەت بويىچە 3 كۈن ماتەم تۇتۇش ئۇقتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ئىسلام دۆلىتى» دەپ ئاتالغان «دائىش» بېلگىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىريۇسسېلدىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بېلگىيە خەلقى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۇبادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئوباما مۇنداق دېدى: «بىز بىگۇناھ كىشىلەرگە قارىتىلغان بۇ ۋەھشىيانە ھۇجۇملارنى ئەيىبلەشتە بېلگىيە خەلق بىلەن بىر سەپتە. بىز بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنى ھەققانىيەت سوتىغا تارتىشتا دوستىمىز ۋە ئىتتىپاقدىشىمىز بېلگىيەگە بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىز بىلەن ياردەم بېرىمىز.»
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 22-مات كۈنى بىريۇسسېلدا ئايروپىلان سەپەرلىرى توختىتىلغان، پايتەختتىكى مېترو تاقالغان. ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىمۇ جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىپ، ساقچىلار كۆپەيتىلگەن.